Greasy Fork

Greasy Fork is available in English.

ئىشلەتكۈچىلەر قوليازما تور بېكىتى Greasy Fork غا خۇش كېلىپسىز.

ئىشلەتكۈچىلەر قوليازمىسى دېگەن نېمە؟

ئىشلەتكۈچىلەر قوليازمىسى سىزنىڭ تور زىيارەت تەسىراتىڭىزنى ياخشىلايدۇ. قاچىلانغاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك سىز زىيارەت قىلىۋاتقان بەتنى ئىقتىدار قوشۇش، ئىشلىتىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ياكى بىزار قىلىدىغان بۆلەكلەرنى چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق ياخشىلايدۇ. Greasy Fork دىكى ئىشلەتكۈچىلەر قوليازمىسى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر تەرىپىدىن يېزىلىپ، پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇلار ھەقسىز ھەم ئىشلىتىش قولايلىق.

1-قەدەم: ئىشلەتكۈچى قوليازما باشقۇرغۇچىنى قاچىلاش

Chrome دىكى Tampermonkey

ئىشلەتكۈچىلەر قوليازمىسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئىشلەتكۈچى قوليازما باشقۇرغۇچىنى قاچىلاش كېرەك. قايسى ئىشلەتكۈچى قوليازما باشقۇرغۇچىنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىڭىز سىزنىڭ قايسى تور كۆرگۈچنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىڭىزغا باغلىق.

ئۈستەليۈزى كۆچمە (Android) كۆچمە (iOS)

2-قەدەم: ئىشلەتكۈچى قوليازمىسى قاچىلاش

ئىشلەتكۈچى قوليازمىسىنىڭ قاچىلاش كۇنۇپكىسى

سىناپ باقماقچى بولغان ئىشلەتكۈچى قوليازمىسىنى تېپىش ئۈچۈن بۇ بېكەتنى زىيارەت قىلىڭ. تۆۋەندە ئەڭ ئالقىشلانغان قوليازمىلاردىن ئۈلگە بېرىلدى:

ئىشلەتكۈچى قوليازمىسىنى تاپقاندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچى قوليازما بېتىدىكى يېشىل رەڭلىك قاچىلاش كۇنۇپكىسىنى چەكسىڭىز، ئىشلەتكۈچى قوليازما باشقۇرغۇچىڭىز قاچىلاشنى جەزملەشتۈرۈشنى سورايدۇ.

3-قەدەم: ئىشلەتكۈچى قوليازمىسىنى ئىشلىتىش

ئىشلەتكۈچى قوليازمىسى تەسىر قىلغان بېكەتكە كىرسىڭىز، قوليازما ئاپتوماتىك كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى قوليازمىسىنى بىر مەزگىل سىنىغاندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچى قوليازمىسىنى قاچىلىغان ئورۇنغا كىرىپ، ئىشلەتكۈچى قوليازمىسىنىڭ ئاپتورىغا بەزى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.